ئەردوغاننىڭ ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى تۇنجى مېۋىسىنى بەردى

ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم قىلغان تۇنجى دۆلەت يەنە تۈركىيە بولىدىغان بولدى.

801928
ئەردوغاننىڭ ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى تۇنجى مېۋىسىنى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، بىرماغا كىرىشكە ۋە دەسلەپكى قەدەمدە مىڭ توننا ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنغان تۇنجى چەت ئەللىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئورگىنى «تۈرك ھەمكارلىقى ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى <TİKA>» بولغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئىبراھىم كالىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرما دۆلەت رەئىسى ئۇن سان سۇ چىنىڭ تۈنۈگۈنكى تېلېفون سۆھبىتىگە ئالاقىدار يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ بىرما دۆلەت رەئىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىن، تۈرك ھەمكارلىقى ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى <TİKA>نىڭ مەسئۇللىرىنىڭ رايونغا كىرىشىگە ۋە دەسلەپكى قەدەمدە مىڭ توننا ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلىنغان تۇنجى چەت ئەللىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئورگىنى تۈرك ھەمكارلىقى ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى <TİKA> بولدى» دېيىلدى.

ئىبراھىم كالىن ياردەم بۇيۇملىرىنى ھۇجۇملار سەۋەبىدىن يۈزلىگەن ئائىلە يۇرت–ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان  راكخايىننىڭ شىمالىي رايونىدىكى مائۇڭتاۋ ۋە بۇدىتاڭغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن راكخايىنە ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى پىلانلانغانلىقىنى بىلدۈردى. 

رايوندا ئىنىقسىزلىق ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار ئەندىشىلەر داۋاملىشىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ياردەملەرنى راكخايىنە ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئاساسىدا ئەتىدىن باشلاپ ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ئارقىلىق يەتكۈزۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ ياردەملىرىنىڭ بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىبراھىم كالىن: «ئاراكان مۇسۇلمانلىرى جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان يېمەك–ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، دورا ۋە باشقا سەھىيە بۇيۇملىرىمۇ ئاراكان ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا باسقۇچمۇ -باسقۇچ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ» دېدى. 

يېقىندىن بۇيانقى ئىچىنىشلىق ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن باڭلادېشقا ياناھلىنىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئاراكانلىقلار سانىنىڭ 100 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىبراھىم كالىن: «پەيشەنبە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز بىلەن تۈرك ھەمكارلىقى ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى باشلىقىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيە ھەيئىتى باڭلادېشتا كوسكىس بازاردىكى پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا ۋە ئەتراپىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرگە شۇنداقلا جىددىي ياردەمگە موھتاج بېمارلارغا مۇلازىمەت قىلىشى ئۈچۈن جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىغا ئوخشاش ياردەملەرنى بىۋاستە يەتكۈزىدۇ» دېدى.

شۇنداق قىلىپ، دۆلىتىمىز بىرما ۋە باڭلادېشنىڭ پايتەختى داككادا ھەمدە تۈرك ھەمكارلىقى ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئىشخانىسى بولغان دۆلەت مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە پىلانلاپ، رۇخسەت ئالغان بۇ ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە، چېگرانىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلاردىن دەسلەپكى قەدەمدە 100 مىڭ ئائىلىگە ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان بولدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر