مىنىستىر چەلىك ئۈچ كۈن ئىچىدە مىڭلارچە ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ قەتل قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك ۋە باش مىنىستىر ياردەمچىسى بەكىر بوزداغ قاتارلىقلار ئاراكاندىكى قەتلىئام توغرىسىدا بايانات بەردى.

798379
مىنىستىر چەلىك ئۈچ كۈن ئىچىدە مىڭلارچە ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ قەتل قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى
çavuşoğlu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، مالدىۋې تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئاسىم بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىرمادىكى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈلگەن قەتلىئام توغرىسىدا توختىلىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ مۇئامىلىنىڭ بۇنداق داۋاملاشسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇ مەسىلىگە ئۈزۈل – كېسىل چارە تېپىلىشى كېرەك. پۈتكۈل دۇنيا بۇ مەسىلىگە سەزگۈر قارىشى كېرەك» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك بولسا، بىرمانىڭ ئاراكان ئۆلكىسىدە يېقىنقى 3 كۈن ئىچىدە مىڭلارچە مۇسۇلماننىڭ قەتل قىلىنغانلىقىنى، 100 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ ئۆي – ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، قەتلىئامغا دائىر فوتو – سۈرەتلەرنى ئىلاۋە قىلغان ھالدا تارقاتقان ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى نارازىلىق باياناتىدا، «خەلقئارا قانۇن ۋە ئورگانلار پەقەت يوقتەكلا، ئاراكاندىكى قەتلىئاملارنى تاماشا قىلماقتا. ئىنسانلىققا قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەت قىرغىنچىلىققا ئايلىنىپ كەتتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

مىنىستىر چەلىك، ب د ت  ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرىنىڭ تېز ۋە پائال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، رايوندىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا باشلامچىلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

باش مىنىستىر ياردەمچىسى بەكىر بوزداغ بولسا، «قىرغىنچىلىقتىن كېيىنكى قەتلىئامنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېدى ۋە ئېشىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىق، ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋاللىرى ئۈچۈن قايغۇرغانلىقىنى شۇنداقلا ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر