تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلەر دائىرىسىدە تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

793677
تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورزىمغا قارشى كۈرەشلەر ئىزچىل داۋاملاشماقتا.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەملىكەت ئىچىدە تېررورىزىمغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.

كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە مەملىكەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان چوڭ-كىچىك 1176 ھەرىكەتتە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن 302 كىشى تۇتۇلۇپ، 27 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

ھاككارى، بىنگۆل، توكات، ۋان ۋە دىيارباكىر ۋىلايەتلىرىدە تېررورچىلارنىڭ 12 قونالغۇسى ۋەيران قىلىنغان.

ھەربىي ھەرىكەتلەردە تېررورچىلارغا تەۋە راكېتامىيوتلار، ئېغىر تىپلىق قوراللار، نۇرغۇن ئوق، مىنا ۋە پاراتقۇچلار قولغا چۈشۈرۈلگەن.

ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدىمۇ تەشكىلات بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 616 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر