ئەردوغاننىڭ چەت ئەل زىيارەت پىروگراممىلىرى ئېلان قىلىندى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئىيوردانىيە، قازاقىستان ۋە ئەزەربەيجاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، نىيۇ يوركتا ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پادىشاھ 2-ئابدۇللاھنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 21-ئاۋغۇست ئىيوردانىيەدە بىر كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدۇ. 8-10-سېنتەبىر كۈنلىرى قازاقىستاننى، 10-11-سېنتەبىر كۈنلىرى ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇ 2017-يىلى 19-25-سېنتەبىر كۈنلىرىدە نىيۇ يوركتا ئېچىلىدىغان ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.
جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىيوردانىيە زىيارىتىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد، سودا مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، پەلەستىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىيوردانىيە زىيارىتى، تۈركىيە-ئىيوردانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70يىللىقىغا توغرا كەلگەنلىكى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.