ئىبراھىم كالىن مېركېلنىڭ سۆزلىرى ۋە پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىكى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن تۈركىيە – گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىكلەرنى گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ ياۋروپاغا كېڭەيتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

791937
ئىبراھىم كالىن مېركېلنىڭ سۆزلىرى ۋە پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىكى گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېلنىڭ «تۈركىيە بىلەن تاموژنا بىرلىكى كېلىشىمىنى يىڭىلاش لازىم» دېگەن باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىكى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئىقتىسادنى سىياسىي سۇيىئىستېمال بويۇمىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، مېركېلنىڭ سۆزلىرى ۋە پوزىتسىيەنى تەنقىد قىلدى.

ئىبراھىم كالىن پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ، مېركېلنىڭ تاموژنا بىرلىكى مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ياكى ئەزا دۆلەتلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرىدىغان يەرگە ئۆتىۋېلىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە – گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىكلەرنى گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ ياۋروپاغا كېڭەيتىشكە ئۇرۇنىشى نەقەدەر چارىسىزلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بىز گېرمانىيە بىلەن ياكى ھەرقانداق ياۋروپا دۆلىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ يىرىكلىشىشىنى خالىمايمىز» دېدى.  

بۇ خىل باياناتلارنىڭ ھېچنەرسىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ۋە دۆلەت قائىدىلىرىگىمۇ ماسلايمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىبراھىم كالىن، گېرمانىيەدىن تۈركىيەگە يېڭى سېلىنمىلارنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.  

ئىبراھىم كالىن تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى تاموژنا بىرلىكىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش كېلىشىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئەگەر بۇ توسالغۇغا ئۇچرىسا، چەتكە قېقىلسا ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، بۇنىڭ زىيىنىغا تۈركىيەلا ئەمەس، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئۇچرايدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئىبراھىم كالىن بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىسنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر