تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى تەلافەردىن قاچقان تۈركمەنلەرگە ياردەم قولىنى سۇندى

تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى، ئىراقنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى تەلافەر شەھىرىدىن قاچقان 4500 پۇقراغا تەييار تاماق تارقاتتى.

791440
تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى تەلافەردىن قاچقان تۈركمەنلەرگە ياردەم قولىنى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئىراق ھەيئىتى باشلىقى گۆسەن يەنىگۈل، تەلافەر بىلەن مۇسۇلغا قاراشلىق مۇھەللەبىييە بازىرىدىن قاچقان 4500 پۇقرادىن تەركىب تاپقان 875 ئائىلىگە تەييار تاماق تارقىتىپ بەرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

مۇسۇلنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بىخەتەر جايلارغا قېچىپ كەلگەن پۇقرالارنى تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ يالغۇز تاشلاپ قويمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن يەنىگۈل، تەلافەرلىكلەرگە ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

دائېش، 2014 – يىلى ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان مۇسۇل شەھىرىنىڭ 63 كىلومېتىر غەربىگە جايلاشقان تەلافەرنى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا.

شەھەرنى دائېشتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەربىي ھەرىكىتى سەيشەنبە كۈنى باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر