ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى بىرىگادا گېنېرالى مۇھەممەد باقىرى، تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى خۇلۇسى ئاقار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئەتە تۈركىيەگە كېلىدۇ.

789617
ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىرنانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ھەيئىتى ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ۋە سىياسىي ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

خەۋەردە، باقىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا رايونغا ئالاقىدار ئۆزگىرىش، مۇداپىئە ساھەسىگە ئالاقىدار ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە چېگرا ھەمكارلىقى مەسىلىسىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار بىلەن بىرىگادا گېنېرالى باقىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىسى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش بولىدۇ.

ئىران باش ئىشتاب باشلىقى بىرىگادا گېنېرالى باقىرى ئۆتكەن ئاي بايانات بېرىپ، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقتىن ئايرىلىپ چىقىشىنى نىشان قىلغان مۇستەقىللىق بويىچە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىگە «قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دەپ باھا بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر