ئىستانبۇل بوغۇزىدىكى پاراخوت سەپەرلىرى توختىتىلدى

ئىستانبۇل پورت باشقارمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىستانبۇل بوغۇزىدىكى پاراخوت سەپەرلىرىنىڭ 8:45 تىن ئېتىبارەن توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

787249
ئىستانبۇل بوغۇزىدىكى پاراخوت سەپەرلىرى توختىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل پورت باشقارمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ ئاستى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيىتى سەۋەبىدىن ئىستانبۇل بوغۇزىدىكى پاراخوت سەپەرلىرىنىڭ 8:45 تىن ئېتىبارەن ھەر ئىككى يۆنىلىش بويىچە توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇل بوغۇزىدىكى پاراخوت سەپەرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل كۈنى بەشىكتاش ئارناۋۇتكۆيدە دېڭىزغا كىرىپ يۇقاپ كەتكەن فۇرقان يىلدىرىم (17 ياش) نى ئىزدەش خىزمەتلىرى تۈپەيلى توختىتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر