تۈركىيە گىرېتسىيەنىڭ باياناتىغا رەددىيە قايتۇردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى قوللىشى توغرىسىدىكى باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

787268
تۈركىيە گىرېتسىيەنىڭ باياناتىغا رەددىيە قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، 8 – ئاۋغۇستتا ئەرەنكۆي قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ 53 يىللىقىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە خاتىرىلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا «ئەپسۇسلىنارلىق» دەپ باھا بەردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: « گىرېتسىيەنىڭ، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ 1964 – يىلى قىبرىسلىق رىملار ۋە گىرېتسىيەنىڭ ئورتاق ئېنوسىس ھەرىكىتى ۋە ئېتنىك تازىلاشلىرىغا قارشى نامايان قىلغان بۇ جەسۇر ۋە شەرەپلىك كۈرىشىنى ئانا ۋەتەن ۋە كاپالەتچى دۆلەت تۈركىيەنىڭ قوللىشى توغرىسىدىكى ھەر تۈرلۈك تايانچتىن خالىي ۋە ئەمەلىيەتتىن يىراق دەۋالىرىنى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، رىم – گىرېك ئىككى تەرىپى قىبرىس ئارىلىدىكى تۈركلەرنى ئېتنىك تازىلاش سىياسىتى ئارقىلىق چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇزۇن يىللار بويىچە ھەر تۈرلۈك قورقۇتۇش ۋە زوراۋانلىق ئۇسۇللىرىنى ئىجرا قىلدى. ئېلان قىلىنغان باياناتمۇ ھەر ھالدا مۇشۇ ئىشتىن ھېس قىلىنغان گۇناھكارلىق تۇيغۇسىنى چىقىش قىلسا كېرەك.» دېگەن ئىبارىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر