قايغۇلۇق خەۋەر... شەمدىنلىدە بىر ساقچى شېھىت بولدى

ھاككارىنىڭ شەمدىنلى ناھىيەسىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

784483
قايغۇلۇق خەۋەر... شەمدىنلىدە بىر ساقچى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاككارىنىڭ شەمدىنلى ناھىيەسىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر ساقچى شېھىت بولدى، بىر ساقچى يارىلاندى.

خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، شەمدىنلى ناھىيەسىگە قاراشلىق ئالتىنسۇ يېزىسى تاغلىق رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تېررورچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن؛ توقۇنۇشتا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بىر ساقچى شېھىت بولغان، بىر ساقچى يارىلانغان.

رايوندىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر