چاۋۇشئوغلۇ لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى.

784586
چاۋۇشئوغلۇ لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلاغا بارغان چاۋۇشئوغلۇ، ئايرىم ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تۈركىيە – رۇسىيە سودا مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن قىسقىلا بايانات بەرگەن مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، لاۋروۋ بىلەن سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە توقۇنۇشتىن خالىيلاشتۇرۇلغان رايونلار توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «نۆۋەتتىكى باسقۇچتا يەنە ئاستانىدا يىغىن چاقىرىلىدۇ. بۇنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلدۇق» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ يەنە، رۇسىيەلىك مەنسەپدېشى بىلەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى، سۆھبەتنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر