تېررورچىلارنىڭ پارتلاتقۇچ ماددىلىرى قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

784336
تېررورچىلارنىڭ پارتلاتقۇچ ماددىلىرى قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى شىرناكنىڭ ئۇلۇدەرە ناھىيەسىدە ئىلىپ بارغان ھەرىكىتىدە 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرلدى.

ئارمىيە باش ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ چارلاش ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇلۇدەرەدە چېگرا لېنىيەسىدىكى ھەربىي بازا رايونلارغا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شۇنىڭغا ئاساسەن دەرھال توپقا تۇتۇش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى. 

ھاككارى شەمدەنلى ۋە ۋان چالدىراندىكى ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتىدە بولسا، 2 دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋېلىنغان بومبا پاچاقلاپ تاشلاندى.

ئاغرى دوغۇ بەيازىتتا بولسا، تېررورچىلارغا تەۋە 42 كېلو كالتىسىي كاربونات ئارىلاشتۇرۇلغان كۆيدۈرگۈچ ۋە پارتلاتقۇچ ماددە قولغا چۈشۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر