چاۋۇشئوغلۇ بېيجىڭ - ئەنقەرە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ مەيلى رايون مەيلى خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

782932
چاۋۇشئوغلۇ بېيجىڭ - ئەنقەرە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە- خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭەش مېخانىزمىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى. يىغىندىن كېيىن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

چاۋۇشئوغلۇ ۋاڭ يى بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا چاقىرىلىدىغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىنىڭ بىرى، بىزمۇ بۇ تەشكىلات بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتماقتىمىز. پۈتكۈل بۇ سىياسەتلىرىمىزنى بىرى – بىرىنىڭ ئورنىنى باسىدۇ، دەپ قارىمايمىز، ئەكسىچە، تولۇقلىغۇچىلىق رولىنى ئوينايدۇ، دەپ بىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ بىر خىتاي سىياسىتىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قوللايدىغان ئەللەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئوخشاش كۆرىمىز. مەيلى دۆلىتىمىزدە مەيلى رايونىمىزدا خىتايغا قارشى ھېچقانداق سەلبىي پائالىيەتكە يول قويمايمىز» دېدى.

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى خەۋپسىزلىك ساھەسى ھەمكارلىقىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، «سودىمىزنى كۈچەيتىش ئىرادىمىز بار. مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپ خىللاشتۇرۇلۇشىغا دائىر خىزمەتلىرىمىز داۋام قىلماقتا. تۈركىيەدىن خىتايغا قىلغان ئېكسپورتىمىز ئاشماقتا.» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىكتە روياپقا چىقىدىغان ناھايىتى مۇھىم پىلان ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان ھالدا، تارىخىي يىپەك يولىنىڭ قايتىدىن گۈللەندۈرۈلۈشىنى نىشان قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى بىلەن تۈركىيە تەكلىپ قىلغان ئوتتۇرا كارىدور قۇرۇلۇشىنىڭ ئورتاق روياپقا چىقىرىلىدىغانلىقىنى، ئەدىر – قارس يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز يولى ۋە تۈركىيەدىكى ئۈچىنچى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭمۇ خىتاي بىلەن بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

مائارىپ – مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭمۇ كۈچەيگەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ساياھەتچىلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلارنىڭ كۈچىيدىغانلىقىنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، «خىتاي ساياھەتچىلەر سانىنىڭ ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھەر يىلى چەت ئەلگە چىقىدىغان 100 مىليون ساياھەتچىنىڭ  3 مىليونىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىنى كۈتمەكتىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، 2018 – يىلىنىڭ خىتايدا تۈركىيە ساياھەت يىلى ئېلان قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، بۇ دائىرىدە 2018 – يىلىنىڭ تەييارلىقلىرىنىڭمۇ بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

چاۋۇشئوغلۇ يەنە، مائارىپ ساھەسىدە ئورتاق ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ۋىزىغا ئالاقىدار قاراشلىرىنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغا يەتكۈزگەنلىكىنى، بۇ جەھەتتە بەزى ئورتاق قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، ئىككى ئارىسىدىكى رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە چېتىشلىق كۆپلىگەن ساھەدە تۈركىيەنىڭ پىكىرلىرىنىڭ خىتاينىڭ پىكرى بىلەن ماسلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى قوللىشىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى تۈركىيەدە كۈتۈۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، مەنسەپدېشى ۋاڭ يىنىڭمۇ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشىدىن مەمنۇن ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

مىنىستىر مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، خىتايدىكى رەسمىي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بۈگۈن خىتايدىن ئايرىلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر