ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ئەللەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى جىددىي يىغىنىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى قۇتراتقۇلۇقلىرى كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەندى.

781947
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ، ھەرەمى شەرىفكە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇھاكىمە قىلىش مەقسىتىدە تۈركىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن، ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان تەشكىلاتقا ئەزا ئەللەرنىڭ «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ جىددىي يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان خۇلاسە دوكلاتىدا، قۇددۇسنىڭ ئىسلامنىڭ باشقۇرۇشىدا تۇرغان يۈز يىللار جەريانىدا تەسىس قىلىنغان ئۈلگىلىك دىنىي ئەپۇچانلىق تەكىتلەپ ئۆتۈلدى.

مەسجىدى ئەقسانىڭ ئىسلامنىڭ تۇنجى قىبلىسى ۋە ئەڭ مۇقەددەس ئۈچ مەسجىدىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، قۇددۇسنىڭ مۇسۇلمان ئۈممەتنىڭ دىنىي ۋە رۇھانى خاراكتېرى بىلەن، «مۇستەملىكىچى ئىسرائىلىيە ئىشغالى» پەيدا قىلغان پۈتكۈل تەھدىتلەرگە قارشى مۇداپىئەلىنىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ھالدا، «مەسجىدى ئەقسانىڭ تاقىۋېتىلىشى، پەلەستىنلىك مۇسۇلمان ۋە خىرىستىيانلارنىڭ تەبىئىي ھەققى بولغان مۇقەددەس جايلاردا ئىبادەت قىلىش ئەركىنلىكلىرىنىڭ كوللېكتىپ جازالاش سىياسەتلىرى ۋە تىنچ شەكىلدە ئىبادەت قىلغان پەلەستىنلىكلەرگە ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ ئىشلىتىش يولى بىلەن مەنئى قىلىنىشى قاتارلىق ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى قۇتراتقۇلۇقلىرىنى كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر