پەلەستىن ئىستانبۇلدا كونسولخانا تەسىس قىلدى

پەلەستىننىڭ ئىستانبۇلدا كونسولخانا تەسىس قىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

782118
پەلەستىن ئىستانبۇلدا كونسولخانا تەسىس قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پەلەستىنلىك مەنسەبدېشى رىياد ئەل مالىكى بىلەن پەلەستىننىڭ ئىستانبۇلدا كونسولخانا تەسىس قىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەيۈپ رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمغا قاتناشتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىقنىڭ روھىي بويىچە ھەرىكەت قىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى،  مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ 1967-يىلدىن بۇرۇنقى چېگرالارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلۇشى ۋە شەرقىي قۇددۇسنىڭ پەلەستىننىڭ پايتەختى بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياقلاپ كېلىۋاتىمىز، بۇ دائىرىدە دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە ۋە ھەل قىلىش چارىسى  تېپىشقا تەييارمىز، ئىسرائىلىيەمۇ بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم.»

پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەل مالىكىمۇ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ پەلەستىننىڭ ھەقلىق داۋاسىنى قوللاپ كېلىشىدىن تولىمۇ خۇرسەنمىز.»

پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدە مۇسۇلمان دۇنياسىنى قۇددۇستىكى مۆمىنلەرنى قوللىشى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈردۇق، ھازىر پەلەستىننىڭ ئىستانبۇل كونسولخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز ، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە ۋە كۈچلۈك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىپادىسىدۇر، ئىستانبۇلدا بۈگۈن پەلەستىن ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كۈندۈر.»

ئېچىلىش مۇراسىمىغا پەلەستىننىڭ ئەنقەرە ئەلچىسى فۇئاد مۇستافا، پەلەستىننىڭ ئىستانبۇل كونسولى ئابدۇلكەرىم ئەل خاتىپ ۋە  ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان پەلەستىنلىكلەر بىلەن نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋەكالەتخانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر