تېررورىستلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 24 – ئىيۇلدىن 31 – ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 35 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى.

780792
تېررورىستلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئۇدا 1157 قېتىم ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ دائىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار 57، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بار 593، سولچىل تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بار 28 كىشى قولغا ئېلىنغان. 921 ى تېررورلۇق جىنايەتچىلىرى، 168 ى تور جىنايەتچىلىرى، 2963 ى زەھەر ۋە ئەتكەسچىلىك جىنايەتچىلىرى بولۇپ، جەمئىي 3884 كىشى تۇتۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر