ئەردوغان ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۈچ دۆلەت زىيارىتىنى باشلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت ۋە قاتارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىدى.

775694
ئەردوغان ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۈچ دۆلەت زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 3 دۆلەتتە ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشلىرىدا ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر شۇنداقلا قاتارغا ئالاقىدار ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش يولىدا تاشلىنىشقا تېگىشلىك قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئاخبارات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان 23 – ئىيۇلدىن 24 - ئىيۇلغىچە سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت ۋە قاتاردا زىيارەتتە بولىدىكەن، جىددىدە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇد، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى شۇنداقلا مۇئاۋىن باش ۋەزىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد بىن سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇد قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

ئەردوغاننىڭ كۇۋەيتتە ئەمىر شەيخ ساباھ ئەل ئەھمەد ئەل جابىر ئەسساباھ بىلەن؛ قاتاردا بولسا، ئەمىر شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇ ئەللەر بىلەن بولغان ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشى، شۇنداقلا رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، ئەردوغاننىڭ زىيارىتى جەريانىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى، پارس قولتۇقى ئەللىرى بىلەن قاتار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش يولىدا تاشلىنىشقا تېگىشلىك قەدەملەردىن ئىبارەت بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر