چاۋۇشئوغلۇ باكۇدا ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

773477
چاۋۇشئوغلۇ باكۇدا ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەزەربەيجان ۋە تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى.

چاۋۇشئوغلۇ، 4 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – ئەزەربەيجان – تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۈچ تەرەپ يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر