دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى: تۈركىيە چېگراسى بويىدا بىر تېررور دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ

دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى، تۈركىيەنىڭ چېگرالىرى بويىدا بىر تېررور دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

772710
دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى: تۈركىيە چېگراسى بويىدا بىر تېررور دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرغان تۈنۈگۈنكى يىغىنى 6 سائەت داۋاملاشتى. يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان خۇلاسە دوكلاتىدا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق تەھدىتىگە قارشى دۆلەت ئىچى – سىرتىدا قانۇندا كۆرسىتىلگىنى بويىچە قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان تېررورلۇققا خاتىمە بېرىش كۈرىشىنىڭ ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

بەزى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيەدە پ ي د – ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بەرگەن قورال ۋە ئوق – دورىلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشقىمۇ ئورۇن بېرىلگەن دوكلاتتا، «(يىغىندا) تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا بىلدۈرۈلۈۋاتقان قوش ئۆلچەمگە خاتىمە بېرىلمەي تۇرۇپ، رايوننىڭ خاتىرجەملىك ۋە باياشاتلىققا ئېرىشىشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقى تەكىتلەندى؛ خەلقئارا جەمئىيەتكە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئورتاق تونۇشقا كېلىش ئۈچۈن، بېرىلگەن ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىشى توغرىسىدىكى چاقىرىقىمىز تەكرارلاندى» دېيىلدى.

تۈركىيەنىڭ جەنۇبتىكى چېگرالىرىدا سۇرىيە ۋە ئىراق مەنبەلىك بىرەر خەۋپ بايقالغان ياكى ھۇجۇم يۈز بەرگەن تەقدىردە، خەلقئارا قانۇندا كۆرسىتىلگىنى بويىچە كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلاشنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، تۈركىيەنىڭ چېگرالىرى بويىدا بىر تېررور دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىمۇ تەكىتلەندى.

ئالدىنقى ھەپتە شىۋېيتسارىيەدە چاقىرىلغان قىبرىس يىغىنى ۋە ئۇنىڭ خۇلاسىسىنىڭمۇ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان دوكلاتتا، «شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى تەبىئىي بايلىقلارغا ئالاقىدار ھەق – ھوقۇقىمىز دائىرىسىدە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەق ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئىرادىمىزنىڭ قەتئىيلىكى تەكىتلەندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر