نۇمان قۇرتۇلمۇش فەتھۇللاھچىلارغا  يۇمشاق كۆڭۈللۈك قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش خائىنلارچە ھەربىي ئىسيان يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 1 – خاتىرە يىلى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى.

771261
نۇمان قۇرتۇلمۇش فەتھۇللاھچىلارغا  يۇمشاق كۆڭۈللۈك قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دا ت ر ت قانىلىنىڭ پىروگراممىسىغا قاتناشتى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ گەرچە ئاممىۋىي تەشكىلات قىياپىتىگە كىرىۋىلىشقا شۇنچە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، 15 – ئىيۇلدا ماسكىسى يىرتىلىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش دۆلەت ئورگانلىرىدا ھازىرمۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ ئۇزۇن يىل داۋاملىشىدىغان بىر كۈرەش. سوقۇنۇپ كىرىۋالغانلار تازىلىنىدۇ. ئىشتىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. خاتا كەتكەن يەرلەر بولسا تۈزىتىلىدۇ. سەۋىرچانلىق بىلەن كۈرەشلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكىدىن ۋاز كەچمىگەنگە ئوخشاش بەك يۇمشاق كۆڭۈللۈكمۇ بولۇپ كەتمەيمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر