نۇمان قۇرتۇلمۇش سترازبۇرگدا 15-ئىيۇلنى چۈشەندۈردى
مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2016-يىلى 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيانى قارشىسىدا يېزىلغان قەھرىمانلىق داستانىنى فىرانسىيەدە خەلققە چۈشەندۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار ئىتتىپاقى (UETD) نىڭ سترازبۇرگدا ئۆتكۈزگەن پائالىيىتىگە قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ: «بىز 15-ئىيۇل كۈنى دۇچ كەلگەن خائىنلىق، تۈرك زېمىنى ۋە تۈرك تارىخى دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ خائىنلىقلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ» دېدى.
ئۇ 15-ئىيۇلنى تۈرك خەلقىنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى پەيدا قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى سەگەك بولۇشنى چاقىرىق قىلدى.
ئۇ 15-ئىيۇلنى پائالىيەتلىرىگە رۇخسەت قىلمىغان ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەرنى تەنقىد قىلدى ۋە بۇنىڭ دېموكراتىيەگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ ئاخىرىدا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشنىڭ ئاداققىچە قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.