ئىبراھىم ئەرەن ت ر ت نىڭ باش مۇدىرى بولدى

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) نىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئىبراھىم ئەرەن تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باش مۇدىرى بولۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

767568
ئىبراھىم ئەرەن ت ر ت نىڭ باش مۇدىرى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىبراھىم ئەرەننى ت ر ت باش مۇدىرلىقىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەش قارارىنى تەستىقلىدى. مەزكۇر قارار رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

ت ر ت باش مۇدىرلىق ۋەزىپىسى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان 56 ئىسىم ئىچىدىن تاللانغان ئۈچ ئىسىمنىڭ بىرى بولغان ئىبراھىم ئەرەن، مىنىستىرلار كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلغاندىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەستىقى بىلەن، ت ر ت نىڭ 17-نۆۋەتلىك باش مۇدىرى بولدى.

ئىبراھىم ئەرەن 2013-يىلى ئىيۇلدىن تارتىپ تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر