G20 يىغىنى بۈگۈن باشىنىدۇ

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە ئېچىلىدىغان G20 يىغىنى دائىرىسىدە تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

766231
G20 يىغىنى بۈگۈن باشىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن (7-ئىيۇل) باشلىنىدىغان G20 يىغىنى ئۈچۈن گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.

ھامبۇرگ شەھىرى 7-8-ئىيۇل كۈنلىرى G20 ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ. ھامبۇرگ گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك G20 ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا، ئىقتىسادنى كۈچەيتىش، مۇساپىرلار ۋە مەجبۇرىي كۆچ، ئافرىقا بىلەن ئورتاقلىق، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، كەمبەغەللىك، پۇل يۇيۇش، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

دۇنيادىكى ئىقتىسادىي كۈچلۈك 19 دۆلەت بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتنىشىدىغان G20 ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىلدى. بۇ دائىرىدە، ھامبۇرگدا 20 مىڭ ساقچى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەگە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتنىشىدۇ. ئۇ يىغىن بويىچە ئوخشىمىغان رەھبەرلەر بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزىدۇ.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل يىغىندىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلاردا «تەڭ پايدا ئېلىش» مەسىلىسىدىن نەتىجە ئېلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئانگېلا مېركېل ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشتى. پىرېزىدېنت دونالد ترامپ پارىژدا ئېچىلغان كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا، كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىىدىن چېكىنىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر