تۈركىيە پاكىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە، پاكىستاننىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىدا مەيدانغا كەلگەن سەل ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغانلار ئۈچۈن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

765858
تۈركىيە پاكىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «پاكىستاننىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىدا مەيدانغا كەلگەن سەل ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق. سەل ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، مەرھۇملارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە سەۋر تىلەيمىز. پاكىستان خەلقىنىڭ ئازابىنى چىن قەلبىمىزدىن ئورتاقلىشىمىز، بۇ ئازابلىق ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن دوست ۋە قېرىنداش پاكىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە كۈچلۈك ھەمكارلىق تۇيغۇلىرىمىزنى قايتا ئىزھار قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر