قاتار مۇداپىئە مىنىستىرى بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ

قاتار مۇداپىئە مىنىستىرى خالىد بىن مۇھەممەد ئەلئەتىييەنىڭ بۈگۈن ئەنقەرەگە كېلىپ، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

761928
قاتار مۇداپىئە مىنىستىرى بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا، قاتاردىكى تۈركىيە ھەربىي بازىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى بىلەن پارس قولتۇقى ئەللىرى كىرىزىسىنىڭ ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى قاتاردا ھەربىي بازا قۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىمنى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ماقۇللىغان، ئۆتكەن ھەپتە قاتارغا 23 ھەربىي بىلەن 5 دانە بىرونېۋىك ئەۋەتىلگەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى پارس قولتۇقى ئەللىرى، ئۆتكەن ھەپتە 13 ماددىلىق تەلەپلىرىنى 5 – ئىيۇندا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى توختىتىشنى قارار قىلغان قاتارغا يەتكۈزگەن بولۇپ، تەلەپلەرنىڭ ئارىسىدا تۈركىيەنىڭ قاتاردىكى ھەربىي بازىسىنىڭ تاقىۋېتىلىشىمۇ بار ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر