كالىن گېرمانىيە سىياسەتچىلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئىبراھىم كالىن گېرمانىيە سىياسەتچىلىرىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتلىرىنىڭ، ياۋروپادا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان قوش ئۆلچەملەرنىڭ ئەڭ كونكرېت ئىسپاتلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

761844
كالىن گېرمانىيە سىياسەتچىلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن بەزى گېرمانىيە سىياسەتچىلىرىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھامبۇرگ زىيارىتىگە توسالغۇ پەيدا قىلماقچى بولغىنىغا قارشى يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ يازما باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ G-20 يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىگە بېرىشتىن بۇرۇن بەزى گېرمانىيە سىياسەتچىلىرى ئېلان قىلغان ئىغۋاگەرچىلىك ۋە يامان نىيەت يوشۇرۇنغان باياناتلارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ھەر دائىم دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ھەققىدە تۈركىيەگە دەرس بېرىشكە ئۇرۇنىدىغان، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا ۋە قانۇن تورىدىن قاچقانلارغا قانات ياپقانلارنىڭ، ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ پۇقرالىرىمىز بىلەن ئۇچرىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇشلىرى ياۋروپادا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان قوش ئۆلچەملەرنىڭ ئەڭ كونكرېت ئىسپاتىدۇر» دېدى.

ئىبراھىم كالىن دېموكراتىيەگە ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى دەۋا قىلىدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ تۈركىيە دېموكراتىيەسىنى يوق قىلىشنى ئارزۇ قىلغانلارنى قوللاشنىڭ ئورنىغا، تۈركىيە دۆلىتى ۋە خەلقنى قوللشنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزدىكى بارلىق سەلبىي ئۆزگىرىشلەرگە قارىماي، ئىجابىي پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلغان ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ چەت ئەلدە ياشاۋاتقان پۇقرالىرىمىز بىلەن ئۇچرىشىشىغا ھەر قانداق سەۋەب بىلەن توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇش، دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىق پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ئەمەس. گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ 16-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمى مۇساپىسىدە ئۆتكۈزگەن كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان خاتالىقلىرىنى تەكرارلىماسلىقنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تارىخىي بىر قانچە يۈز يىلغا تۇتىشىدىغان تۈركىيە-گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك سايلام ھېساب-كىتابلىرىغا قۇربانلىق قىلىۋېتىلمەسلىكى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئۇلارنىڭ سەمىگە سالىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر