ئامېرىكا: پ ي د، ي پ گ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ۋاقىتلىق ئەھۋال

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمېس ماتتىس تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د، ي پ گ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «خالاپ ئەمەس، بەلكى زۆرۈرىيەتتىن كېلىپ چىققان قىسقا ۋاقىتلىق ئۆتكۈنچى ئەھۋال» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

761122
ئامېرىكا: پ ي د، ي پ گ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ۋاقىتلىق ئەھۋال

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، ئۆتكەن ھەپتە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د، ي پ گ غا بېرىلگەن قوراللار تۈغرىسىدا تۈركىيەگە ئەۋەتىلگەن مەكتۇپنىڭ تەپسىلاتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى.

مىنىستىر فىكرى ئىشىق ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د، ي پ گ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىن تۈركىيەنىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئامېرىكىلىق مەنسەپدېشىغا يەتكۈزدى.

ماتتىس بولسا، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د، ي پ گ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ «خالاپ ئەمەس، بەلكى زۆرۈرىيەتتىن كېلىپ چىققان قىسقا ۋاقىتلىق ئۆتكۈنچى ئەھۋال» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كۆرۈشۈشتە، قاتار كىرىزىسىنىڭ، قاتارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدە مۇزاكىرە قىلىنىپ، بالدۇرراق ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى. مىنىستىرلار ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ ناتو ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتىدە رايونلۇق مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ئاساسىدا مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

فىكرى ئىشىق ماتتىس بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ۋەكىلى تارىق شاھ باھرامى بىلەن كۆرۈشتى.

فىكرى ئىشىق بۈگۈن (29-ئىيۇن) ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. ئۇ ماكېدونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رادمىلا شېكېرىنسكا-جانكوۋسكا، ئاۋستىرالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارىس پايىن ۋە گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇرسۇلا ۋون دېرلېيېن بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر