تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2226 – يىلى تەبرىكلەنمەكتە

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2262 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

760038
تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2226 – يىلى تەبرىكلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيە قۇرۇغلۇق ئارمىيەسىنىڭ فوتھۇللاھچى تېررولۇق تەشكىلاتىنىڭ 15–ئىيۇلدىكى خائىنلارچە ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىنكى كۈرەشلىرىگە يۆنۈلۈلىش بەلگىلەشتە، ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاش ئېڭى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قومانداتلىق ئىشتابى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2226 –يىللىقى داغدۇغىلىق تەبرىلكەنمەكتە.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقارمۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيە قومانداتلىق ئىشتابى قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن، تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

خۇلۇسى ئاقار تەبرىك تېلېگراممىسىدا: «قۇرۇغلۇق ئارمىيەمىز، خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىك تىنچلىق، مۇقىملىق شۇنداقلا بىخەتەرلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم كاپالىتىدىن بىرسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

گېنېرال – پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئالاھىدە ئۈنۈملۈك خىزمەت كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 

خۇلۇسى ئاقار تېلېگراممىسىدا يەنە: «ئەبىدىيلىك قوماندانىمىز غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋە سەپداشلىرى قاتارلىق بۇ ۋەتەن تۇپرىقى ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلغان پۈتۈن ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى ۋە غازىلىرىمىزنى ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش بىلەن ئەسلەيمىز، ئۇلارغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر