بەكىر بوزتاغ: دۆلىتىمىزگە چوڭ توزاقلار قۇرۇلماقتا

ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزتاغ، تۈركىيەگە توزاق قۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھېلە – نەيرەڭلىرى ئىشقا ئاشماي، ھېسابلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

760104
بەكىر بوزتاغ: دۆلىتىمىزگە چوڭ توزاقلار قۇرۇلماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزتاغ تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنىڭ تاكى تېررورچىلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتقانغا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزتاغ روزا ھېيتنى ئۆز يۈرتى يوزغاتتا ئۆتكۈزدى. ئاقتاغمەدەنى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھېيتلىشىش پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ: «تۈركىيەگە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئارقىلىق شەكىل بەرمەكچى بولىۋاتقانلار بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇن قېتىم ھېسابلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇشتى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە قانچە - قانچە قېتىملاپ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىشىدۇ» دېدى. 

بەكىر بوزتاغ تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن رايوندا خاتىرجەملىك، تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى بەرپا قىلىشنى ئارزۇ قىلدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيەنىڭ ۋە ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ تارىخىدىن ئىگىلىگەن ۋە بۈگۈن قولغا كەلتۈرگەن كۈچ – قۇدرەت، ئىقتىدارلىرى بىلەن كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭ كۈچلۈك ئورۇندا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك روللارنى ئوينايدىغانلىقى ئېنىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنلا دۆلىتىمىزنىڭ ئالدىنى توراش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ يۈرۈشمەكتە. چوڭ توزاقلارنى قۇرۇپ يۈرۈشمەكتە» دېدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر