ئەردوغان، ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى بىر ئويۇننىڭ ئوينىلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تارقاتقان تەبرىك تېلېگراممىسىدا، (بىرلىرىنىڭ) ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى بىر ئويۇن ئويناشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

759217
ئەردوغان، ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى بىر ئويۇننىڭ ئوينىلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تېلېگراممىسىدا، «سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئوينالغان ئويۇنلارنى رايوندا ئويناشقا ئۇرۇنۇۋاتقان كىرىزىس سىنارىيەلىرىنى بىلىمىز. بىراق، بارلىق تەرەپلەرنىڭ مۇنداق بىر ھەقىقەتنى بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تۈركىيە بۇ خىل ئويۇنلار بىلەن يۇتۇۋالغىلى بولمىغۇدەك چوڭ بىر لوقمىدۇر. دۆلىتىمىزنى بۇ خىل قىلتاقلار بىلەن تەسلىم قىلدۇرالايمىز، دەپ ئويلىغانلارغا جاۋابىمىزنى نەق يېرىدە، مەيداندا بېرىش ئىرادىمىز قەتئىي» دېدى.

ئەردوغان، «بىر مىللەت، بىر بايراق، بىر ۋەتەن، بىر دۆلەت يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ كۈرىشىمىزنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرگۈچە، بىزگە توختاش، ئارام ئېلىش يوق. مىللىتىمىزنىڭ ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىنىڭ بۇ جەھەتتە نامايان قىلغان قەتئىي ئىرادىسى، بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشەنچ ۋە ھاياجان مەنبەيىمىزدۇر. تۈركىيەگە قارشى ئوينالغان ئويۇنلارغا، تەييارلانغان سېنارىيەلەرگە قارشى نامايان قىلىنغان كۈچلۈك قارشىلىق، دۆلىتى بىلەن قولمۇقول تۇتۇشقان مىللىتىمىزنىڭ ئەسىرىدۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزگە ۋە مىللىي بىرلىكىمىزگە نەزىرىنى سالغانلار بىلەن ئۇلارنىڭ پىداكارلىق ياكى ۋاقىتلىق گۇماشتىلىقىنى قىلغانلار، خاتالىقلىرىنى تونۇپ يەتكىنىدە كېچىكىپ قالغان بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر