«ھەرقانداق بىر كۈچنىڭ تۈركىيەنى پارچىلىشىغا يول قويمايمىز»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەرقانداق بىر كۈچنىڭ تۈركىيەنى پارچىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

758951
«ھەرقانداق بىر كۈچنىڭ تۈركىيەنى پارچىلىشىغا يول قويمايمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، شانلىئۇرفانىڭ جەيلانپىنار ناھىيەسىدە ئۆزىنى قارشى ئالغانلارغا خىتابەن قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «بىز مەيلى تۈرك بولسۇن، مەيلى ئەرەب بولسۇن، مەيلى كورد بولسۇن، خەلقىمىزنىڭ ھەممىسىنى قىزغىن سۆيىمىز. بىز ھەممىمىز بىر گەۋدىلەشكەن مىللەتمىز. جۈملىدىن تۈرك، كورد، لاز، بوشناق، ئەرەب قاتارلىق 80 مىليونلۇق يېگانە مىللەتمىز. 790 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق بۇ تېرروتېرىيە بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدۇر، بۇ زېمىننى ھازىرغىچە ھەرقانداق بىر كۈچنىڭ پارچىلىشىغا يول قويمىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەم شۇنداق قىلىمىز، گابار بولامدۇ، جۇدى بولامدۇ، تەندۈرەك بولامدۇ ھەممە يەردە بولىمىز، بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن باشقا دۆلەتنى ئېتىراپ قىلمايمىز.»

ئەردوغان شانلىئۇرفادا سۈرىيەلىكلەرگە كۆرسىتىلگەن مېھماندوستلۇق سەۋەبىدىنمۇ رەھمەت ئېيتتى ھەمدە سۈرىيە كىرىزىسى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيەنىڭ شىمالىدا پ ي د، ي پ گ سۇيىقەستلىك پىلانلارنى تۈزۈۋاتىدۇ. ئۇلارغا شۇنى ئەسكەرتىپ قويىمىزكى، ئارقاڭلاردا كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى ئارمىيەسى بىلەن، پۈتكۈل ئىمكانىيەتلىرى بىلەن شىمالىي سۈرىيەدە قانداقتۇر بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەسلا يول قويمايدۇ.»

02



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر