سويلۇ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى باش كاتىپى ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى – ئىنتېرپول باش كاتىپى جۈرگېن ستوك ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى.

757048
سويلۇ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى باش كاتىپى ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ مىنىستىرلىق بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى – ئىنتېرپول باش كاتىپى جۈرگېن ستوك ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى.

سۈلەيمان سويلۇ بىلەن ئىنتېرپول ھەيئىتىنىڭ ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە بىلەن خەلقئارا  ساقچى تەشكىلاتى ئارىسىدىكى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى بويىچە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە ئوتتۇرىغا چىققۇسى مەسىلىلىرىگە ئورتاق چارە تېپىش مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر