ھاككارى ۋە دىيارباكىردا پ ك ك غا ئېغىر زەربە بېرىلدى

ھاككارى ۋە دىيارباكىردا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئېغىر زەربە بېرىلدى.

756860
ھاككارى ۋە دىيارباكىردا پ ك ك غا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ھاككارىنىڭ چۇكۇرجا ۋە يۈكسەكئوۋا ناھىيەلىرىدە ھۇجۇم قوزغاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسىدىكى تۈرئەلى يېزىسىدا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلاردىمۇ 2 تېررورچى تەسلىم بولدى.

دىيارباكىرنىڭ 6 ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 4 توننا 710 كىلوگىرام ئەپيۈن قولغا چۈشۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر