«ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئاممىۋى تاراتقۇلار بىلەن بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئورگانلىرى تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋتقانلىقىنى ئېيتتى.

756478
«ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن تۈركىيەنىڭ قاتار كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى باشقىچە ئانالىز قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بەزى كۈچلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قاتار كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا بۇ باسقۇچقا ھەسسە قوشمىغان، سۈركىلىش، پىتنە – پاسات پەايدا قىلىش مەزمۇن قىلىنغان باياناتلارنى قوبۇل قىلالمايمىز. ئاخبارات توقۇنۇشلىرى ھېچقايسىمىزغا پايدا يەتكۈزمەيدۇ، يولغا قويۇۋاتقان دىپلوماتىيەنىڭ سەزگۈرلۈكى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، بۇ پەقەتلا رايون خەلقلىرىنىڭ دۈشمەنلىرىنىلا خۇشال قىلىدىغانلىقىنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەك. جۈملىدىن بايانات ئېلان قىلغان، بىر نەرسە يازغان، سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلغاندا ھەممە بۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر