تۈركىيە قاتارغا ھەربىي ھەيئەت ئەۋەتتى
تۈركىيە قاتار كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، قاتارغا ئۈچ كىشىلىك ھەربىي ھەيئەت ئەۋەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى قاتارغا ھەربىي ھەيئەت ئەۋەتىلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قاتارغا ئورۇنلىشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدا ھەربىي تەلىم-تەربىيە، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى بىلەن قاتار زېمىنىدا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئورۇنلىشىشى مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى» نىڭ، 2015-يىلى 15-ئىيۇن ئىجرا قىلىنشقا باشلانغانلىقى خاتىرىلىتىلدى.
باياناتتا، «قاتار زېمىنىدا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئورۇنلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىجرا قىلىش كېلىشىمى» نىڭ، 2016-يىلى 28-ئاپرېل ئىمزالىنىپ، 2017-يىلى 7-ئىيۇن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلۈش بىلەن بىرگە، ئۈچ كىشىلىك بىر ھەربىي ھەيئەتنىڭ قاتارغا ئەۋەتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا: «ھەيئەت تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئورۇنلىشىش تەييارلىقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ۋە كوردىناتسىيە خىزمەتلىرىنى قاتاردا تۇرۇپ داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.