قاتار كىرىزىسى چاۋۇشئوغلۇنىڭ لاتۋىيە زىيارىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولدى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، قاتار كىرىزىسى سەۋەبىدىن تۈنۈگۈن لاتۋىيەگە قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى كېچىكتۈردى.

749028
قاتار كىرىزىسى چاۋۇشئوغلۇنىڭ لاتۋىيە زىيارىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاتۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، چاۋۇشئوغلۇ لاتۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىناس لىنكېۋىكىئۇسقا تېلېفون قىلىپ، زىيارەتنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ۋە زىيارەتنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ مۇۋاپىق، دەپ قارىغان بىر ۋاقىتتا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا، زىيارەتنىڭ قاتارنى ئۆز ئىچىگە رايون ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشى تۈپەيلى كېچىكتۈرۈلگەنلىكىمۇ قەيت قىلىندى.

چاۋۇشئوغلۇ ئاخىرقى قېتىم بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى لاتۋىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان، لاتۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىنكېۋىكىئۇس بولسا، 22 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغانىدى.

لىنكېۋىكىئۇس، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغان تۇنجى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، قاتار كىرىزىسىنى ھەل قىلىش بويىچە تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ بۇ دائىرىدە، تۈنۈگۈن كەچتە قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئەسسانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، چاۋۇشئوغلۇ بىلەن قاتارلىق مەنسەپدېشى تۈنۈگۈنكى تېلېفون سۆھبىتىدە پارس قولتۇقى رايونىدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەن.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ يەنە، رومىنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تېئودور مېلېشكانو ۋە بۇلغارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېكاتېرىنا زاخارىئېۋا بىلەنمۇ ئايرىم – ئايرىم ھالدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر