جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسىي كىرىزىس توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، تۈركىيەنىڭ، پارس قولتۇقى ئەللىرىنىڭ قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

746500
جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسىي كىرىزىس توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتارغا ئالاقىدار كىرىزىسنى چۆرىدىگەن ھالدا دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى باشلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يەلكىمىزگە چۈشىدىغان ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىشقا تەييارمىز» دېدى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، «رايونىمىزنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقى داۋاملىشىۋاتقان، رايوندىكى پۈتكۈل ئەللەرنىڭ بۇ ئورتاق نىشاننى بويلاپ كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلىشىغا ئېھتىياج چۈشۈۋاتقان بىر پەيتتە، بىز ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇۋاتقان پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئەزالىرى ئۆز ئارىسىدىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش، دىيالوگ ۋە ئالاقە ئورنىتىش يولى بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

تۈنۈگۈن (5- ئىيۇن) سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، لىۋىيە، يەمەن ۋە مولداۋىيە قاتار بىلەن بولغان پۈتكۈل دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر