يىلدىرىم: راققە ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىر ئىپتار زىياپىتىدە سۆز قىلىپ، بىر قانچە ئايدىن بۇيان تەييارلىق خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان راققەنى دائېشتىن قۇتقۇزۇش ھەربىي ھەرىكىتى> نىڭ باشلىغانلىقى بىلدۈردى.

745340
يىلدىرىم: راققە ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، «2 – ئىيۇننى 3 – ئىيۇنغا تۇتاشتۇرغان كېچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى پىلانلانغان <راققەنى دائېشتىن قۇتقۇزۇش ھەربىي ھەرىكىتى> باشلىدى. بۇ جەھەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەربىي ھەرىكەتتىن ئىلگىرى كېرەكلىك مەلۇماتلارنى بەردى» دېدى.

ئەنقەرە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى ي پ گ بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىدىن بىئارام بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ھەر قايسى دەرىجە بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ۋاشىنگتون بولسا، بۇنىڭ تاللاش ئەمەس، بىر مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ جاۋاب بەردى.

يىلدىرىم بۇ مۇساپىنىڭ يېقىندىن تەقىب قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە تۈركىيەگە كاپالەت بېرىلگەنلىكىنى ئېيتىپ، «بېرىلگەن كاپالەت راققە ھەربىي ھەرىكىتىدە ئىشلىتىلىدىغان قوراللارنىڭ كېيىنچە دۆلىتىمىزدىكى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتمەسلىكى ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىزگە، خەلقىمىزگە قارشى ئىشلىتىلىش ئېھتىمالىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقماسلىقى. بۇنى ئالاھىدە تەقىب قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى، خۇسۇسەن گېرمانىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىمۇ باش مىنىستىر يىلدىرىمنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىدى. ئاخىرقى نىشاننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ تۈزىتىلىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن يىلدىرىم سۆزى جەريانىدا، «بولۇپمۇ 16 – ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى دولقۇنى جەريانىدا يىرىكلىشىپ كەتكەن مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى شېرىكچىلىك مۇساپىسىنىڭ نورماللاشتۇرۇلۇشى ھەم گېرمانىيە بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ قايتىدىن ئىزىغا چۈشۈرۈلۈشى بىزنىڭ تۈپ پىكرىمىز، ئەمما بۇ، بىر تەرەپنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدىغان ئىش ئەمەس. گېرمانىيەنىڭمۇ بۇ يۆنىلىشتە ھەرىكەت قىلىشى ئاساستۇر» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر