سۇلايمان سويلۇ: ھېچ كىشىنىڭ ئويۇن ئوينىشىغا يول قويمايمىز

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ چەت ئەللەردىن ئالغان قوراللىرىغا ئالاھىدە دىققەتنى تارتتى.

745069
سۇلايمان سويلۇ: ھېچ كىشىنىڭ ئويۇن ئوينىشىغا يول قويمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تۈركىيە ۋە رايوندا ھېچ كىشىنىڭ بىئاراملىق يارىتىشىغا كۆز يۇممايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سۇلايمان سويلۇ كۆپ قىسىملىق بىر تېلېۋىزىيە تىيارتىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تىرابزونغا باردى ۋە تېرررولۇققا قارشى كۈرەشنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملىىشدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سۇلايمان سويلۇ بىر يىلدىن بۇيان ئۇتۇقلۇق ھالدا داۋامشلىشىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئېغىر زەربە بەرگەنلىكىنى، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيەنى زەھەرلىك چېكىملىك ئاپىتىگە دۇچار قىلماقچى بولغان پ ك ك نىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇدىكى كەندىر ئېتىزلىرىنى پىتچىت قىلغاندىن كېيىن، ئەمدلىكتە ئۇ ئېتىزلاردا بۇغداي تېرىلىشقا باشلانغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ پ ك ك نىڭ چەت ئەللەردىن ئالغان قوراللىرىغىمۇ ئالاھىدە دىققەتنى تارتىپ، «تىك ئۇچارغا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا ۋە تانكىلارغا قارشى ئېشلىتىلىدىغان يېڭى تېخنىكىلىق  «AT-4» تىپلىق قوراللارنى قولغا چۈشۈردۇق. بۇلار پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى  پ ي د غا بېرىلگەن قوراللاردۇر» دېدى. 

تېررورلۇققا قارشى ئومۇمىي يۈزلۈك كۈرەشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن سۇلايمان سويلۇ، «پۈتۈن دۇنياغا بىر سىگنال بەرمەكچىمىز. رايونىمىزدا ۋە بۇ گۈزەل مەملىكىتىمىزدە ھېچكىشىنىڭ ئويۇنىنى ئويناتمايمىز ۋە ئويۇن ئوينىشىغىمۇ قەتئىي يول قويمايمىز» دېدى.

سۇلايمان سويلۇ ئۇتۇقلۇق ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە بىخەتەر، خاتىرجەم مۇھىت ھازىرلانغانلىقىنى ۋە بۇ سايىدا ساياھەت ئىشلىرىنىڭمۇ جانلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر