ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى» توغرىسىدىكى ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

743896
ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېقىندا خىتايدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى» توغرىسىدىكى ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * * * *

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بېيجىڭدا چاقىرىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنى» غا ئىشتىراك قىلىش ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش مەقسىتىدە تېخى يېقىندىلا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە زىيارەتتە بولدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر 1971 – يىلى ئورنىتىلدى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى 1980 – يىللاردىن باشلاپ ھەرىكەتلەندى. مۇناسىۋەتلەر يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئۆزئارا زىيارەتلىرى سايىسىدا گۈللەنمەكتە.

تۈركىيە، 2002 – يىلىغىچە تاشقى سودا ۋە خەلقئارا سېلىنمىلار ساھەسىدە يۆنىلىشىنى پەقەت ياۋروپاغىلا قاراتقانىدى. بىراق، 2002 – يىلىدىن كېيىنكى ئاكتىپ تاشقى سىياسىتى سەۋەبىدىن يېڭى بازارلارغا ئېچىۋېتىش زۆرۈرىيىتى ھېس قىلدى. بۇنى چۈشىنىپ يەتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. خىتاي زىيارىتىنىمۇ مۇشۇ مەنىدە مۇھاكىمە قىلىشقا بولىدۇ.

2010 – يىلى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. بىراق، مۇناسىۋەتلەر ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش باسقۇچى بويىچە داۋاملاشتى. تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى كۈچىيىپ مېڭىۋاتقان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا قوشىدىغان ئىجابىي ھەسسىسى بار. ئەمما، تۈركىيەنىڭ خىتايغا نىسبەتەن تاشقى سودا قىزىل رەقىمى يىلسېرى ئاشماقتا. تۈركىيە، 2016 – يىلى خىتايدىن 25 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق مەھسۇلات ئىمپورت قىلغان بولسا، خىتايغا 2 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلدى. بۇ داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان ئەھۋال ئەمەس. تۈركىيە – خىتاي ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە سىجىللىققا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، خىتايدىن تۈركىيەگە سېلىنىدىغان بىۋاسىتە سېلىنمىلارنىڭ سالمىقى ئېشىشى كېرەك. بۇ مەنىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ رەسمىي ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا، تۈرك – خىتاي شىركەتلىرى ئورتاق تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى.

نۆۋەتتە تۈركىيەلىك سودا – سانائەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋىزا قىيىنچىلىقى بىلەن خىتايدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن ئۇلار دۇچار بولۇۋاتقان سەلبىي ئەھۋاللار داۋام قىلماقتا. تۈركىيەدە 2008 – يىلى تۇنجىسى ئېچىلغان خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ سانى 2016 – يىلىغا كەلگەندە بەشكە يەتتى. بىراق، كۇڭزى ئىنستىتۇتى بىلەن تەڭداش ئورۇندا تۇرىدىغان تۈركىيەنىڭ يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى ھېلىغىچە خىتايدا پائالىيەتلىرىنى باشلىيالمىدى. تۈركىيە كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىغا يارىتىپ بەرگەن ئاسانچىلىق نۆۋەتتە خىتايدىمۇ يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتلىرىغا يارىتىپ بېرىلىشى لازىم.

يېقىنقى يىللاردا غەرب مېدىياسىنىڭ، دائېش ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىپ تۈركىيەنى سىياسەت ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش تىرىشچانلىقلىرىغا خىتايمۇ قېتىلماقتا. خىتاي سۈرىيە كىرىزىسىغا ئۇيغۇر تۈركلىرى مەسىلىسى پەنجىرىسىدىن قارايدۇ. ئۇ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە ئۇيغۇر غازاتچىلارنى قوللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈركىيەنى ئەيىبلىمەكتە. خىتاي، ئۇيغۇر تۈركلىرى مەسىلىسىنى رەسمىي باياناتلىرىدا بىر ئىچكى مەسىلە، دەپ قارىماقتا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەسىلىگە مۇداخىلە قىلىشىنى كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلىمەكتە. بىراق، سۈرىيەگە ئوخشاش خىتايغا مىڭلارچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر رايوندا يۈز بەرگەن ئىنسانىي ۋە ئەخلاقىي پاجىئەگە خاتىمە بېرىش چارىسى ئىزدەۋاتقان تۈركىيەنى ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارقىلىق ئەيىبلىشى خىتايغا نىسبەتەن ئېغىر زىتلىق ھېسابلىنىدۇ.

خىتايدا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قىلىنىۋاتقان ھەق – ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى خەلقئارا ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار تەرىپىدىن كۈچلۈك شەكىلدە كۈنتەرتىپكە قويۇلماقتا. خىتاينىڭ سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىن قالغان سىياسىي خىتابلىرى ۋە سىياسەتلىرى (باشتا پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىقلار بولۇپ) ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتا ئېغىر بېسىم ئامىلى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكلەر، ئانا تىل ۋە سىياسىي پائالىيەتلەر ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلىرى بار. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي باياشاتلىق ۋە بىرلىكتە ياشاش جەھەتتىكى رەسمىي باياناتلىرى ئەپسۇسكى ئەمەلىيەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ.

2016 – يىلىنىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدا (بولۇپمۇ 15 – ئىيۇلدىن كېيىن) تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر قايتىدىن ئىجابىي يۆنىلىشكە كىردى. تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۇنجى قېتىم مىنىستىرلىق سەۋىيەسىدە كېڭەش مېخانىزمى ئورنىتىلدى. تۈركىيەگە نىسبەتەن خىتاي يالغۇز ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىلا ئەمەس، رايون ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىنمۇ نەزەرگە ئېلىش كېرەك بولۇۋاتقان بىر ئاكتىيور. دەرۋەقە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بېيجىڭدا بۇ نۇقتىنى ناھايىتى روشەن ئىپادىلەپ، «تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن يېڭى بىر سەھىپە ئاچقانلىقى» نى جاكارلىدى.

خىتاي، 11 تىرىليون دوللار مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىلەن دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىككىنچى ئىقتىسادىي كۈچى. نۆۋەتتە خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى بىۋاسىتە سېلىنمىسى 600 مىليون دوللار ئەتراپىدا. تەرەپلەر بۇنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھەمپىكىر. تۈركىيە نۆۋەتتە چەتنىڭ تېخىنولوگىيەسىگە بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىدىغان شەكىلدە (رىقابەتچى ئەۋزەللىكىنى يوقىتىپ قويماستىن، يېڭى بېقىندىلىقلارنى شەكىللەندۈرمەستىن) خىتاي بىلەن ئورتاق لايىھەلەرنى روياپقا چىقىرىشنى نىشان قىلماقتا. خىتاينىڭ يۈكسىلىشى ۋە خەلقئارا تۈزۈمدىكى نۆۋەتتىكى ئورنى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، مەۋجۇت كىرىزىس ساھەلىرىگە قارىماي، تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى گۈللىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تۈركىيەنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە تەڭداش مۇناسىۋەت ئەمەس، بۇ مۇناسىۋەتلەرنى تولۇقلىغۇچى بىر خىل مۇناسىۋەت، دەپ باھا بېرىشكە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر