دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رەققە ھەرىكىتى دائىرىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ گە قورال - ياراغ ياردەم بېرىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

743562
دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىياسەتچىلىكىدە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىداچاقىرىلغان يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياننامىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۈمىدىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىپ، سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى نامى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پ ك ك / پ ي د – ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارىتا يولغا قويۇۋاتقان قورال - ياراغ ياردەم بېرىش سىياسىتى دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىققا زىت. دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ھەمىشە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ، تولىمۇ ئەپسۇسكى، بەزى تېررورىستلارنىڭ ھەر خىل دۆلەتلەردە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىشى دىققەت قوزغايدۇ. تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە مۇھىم تەجرىبە – ساۋاقلارغا ئىگە تۈركىيە بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلىشى پۈتكۈل دۇنياغا پايدىلىقتۇر.»

تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن باياننامىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تولۇق ئەزالىق نىشانى دائىرىسىدە تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا ئەللىرىدە ۋىزىسىز ساياھەت قىلىشىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى، سۆھبەت تېمىلىرى مەسىلىسىدە پەيدا قىلىنغان توسالغۇلارنىڭ بىكار قىلىنىشى ۋە مۇساپىرلار مەسىلىسىدە بېرىلگەن ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىنىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر