ئىبراھىم كالىن: يامانلىق ۋە ئازغۇنلۇقنى تايانچ قىلغان دۇنيادا تىنچلىق بولمايدۇ

جۇمھۇر رەئىس باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، دۇنيادا ئازغۇنلۇققا ۋە يامانلىققا تايانغان ھېچ بىر تۈزۈمنىڭ تىنچلىق ۋە ماسلىشىش ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

742187
ئىبراھىم كالىن: يامانلىق ۋە ئازغۇنلۇقنى تايانچ قىلغان دۇنيادا تىنچلىق بولمايدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم كالىن «Daily Sabah» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدا، ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىنىڭ تىنچلىق ۋە ماسلىشىشنى ئۆزىگە تايانچ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىبراھىم كالىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يېقىنقى 5 ھەپتە ئىچىدە ھىندىستان، رۇسىيە، خىتاي، ئامېرىكا، ۋە بىريۇسسېلدە مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولغانلىقىنى ئەسلىتىپ،  مالىمانچىلىققا تولغان خەلقئارا سىستېما ئارقىلىق تىنچلىق ۋە تەرتىپ- تۈزۈمنى ئورنىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى سۆزلەشكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خەلقئارا تېررورىزم، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى، ئىرقۋازلىق ھەرىكەتلىرى ۋە سۈرىيەدىكى ئۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دىققەتنى تارتقان ئىبراھىم كالىن، دۇنيانىڭ زادى قاياققا كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە چوڭ ئەندىشە بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئىبراھىم كالىن دۇنيادىكى تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ ئالدى بىلەن كىشىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا باشلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. مۇھىم بولغىنى «بىز كىم؟»، «نېمىنى ئارزۇ قىلىمىز؟» دېگەن سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئىبراھىم كالىن يامانلىق ۋە ئازغۇنلۇق تايانچ قىلىنغان دۇنيادا ھەرگىزمۇ تىنچلىق ۋە ماسلىشىشنىڭ بەربا بولمايدىغانلىقىنى، ئادالەت ۋە توغرىلىقنىڭلا دۇنياغا تىنچلىق ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  ئىسلامدا «تىنچلىق» ۋە «ماسلىشىش» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئەڭ نۇقتىلىق ئۇقۇملار ئىكەنلىكىنى سۆزلىرگە ئىلاۋە قىلدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر