چاۋۇشئوغلۇ گەنچ ئائىلىسىگە تېلېفون قىلدى
دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، گېرمانىيەنىڭ سولىنگېن شەھىرىدە 1993 – يىلى ئاشقۇن ئوڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 5 پەرزەنتىدىن ئايرىلىپ قالغان گەنچ ئائىلىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
742222
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئاشقۇن ئوڭچىلارنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن پاجىئەنىڭ 24 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن گەنچ ئائىلىسىگە تېلېفون قىلدى. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش كومىتېتى باشلىقى مۇستافا يەنەرئوغلۇمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئەسناسىدا ئائىلىنىڭ يېنىدا بولدى.
گېرمانىيەنىڭ سولىنگېن شەھىرىدە 1993 – يىلى 29 – مايدا ئاشقۇن ئوڭچىلارنىڭ گەنچ ئائىلىسىنىڭ ئۆيىگە ئوت قويۇپ بېرىشى نەتىجىسىدە خەدىچە، ھۈليا ۋە سائىمە گەنچ، گۈرسۈن ئىنجە ۋە گۈلىستان ئۆزتۈرك ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.