ئەردوغان ئىمام - خەتىب ئوقۇغۇچىلىرىنى رىقابەتكە چاقىرىق قىلدى

ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىمام - خەتىب تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە سېڭىپ كېرەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ئىمام - خەتىب ئوقۇغۇچىلىرىنى رىقابەتكە چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىمام - خەتىب تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم – ئىرپاندا رىقابەتكە چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى. 

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاسىمپاشادىكى تەنتەربىيە زالىدا ئۆندەر ئىمام - خەتىب تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەنلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەردوغان نۇتۇقىدا، «تەڭسىز ئۆلچەملەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان مانا ئەمدىكى چاغدا، خالىغان كىشى، خالىغان مەكتىپىگە، خالىغىنى بويىچە بارالامدۇ – يوق؟ ئىمام - خەتىب تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن يۇقىرى ئۇتۇقلارنى كۈتىۋاتىمەن. رىقابەتچى بولۇشىڭلار لازىم. ئىلىم – ئىرپاندا رىقابەتكە چۈشۈشىڭلارنى خالايمەن. شۇڭا سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقلىرىڭلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمەن. شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىڭلار لازىمكى، سىلەرنىڭ ئۇتۇقلىرىڭلار بىزنىڭ ئىپتىخارلىنىش ۋەسىلىمىزدۇر» دېدى.

ئەردوغان يەنە «تېررورلۇق، ناھەقچىلىك، قانۇنسىزلىق، ئادالەتسىزلىك، زوراۋانلىق جۈملىدىن قانۇنلۇق ھېسابلانمايدىغان ھېچ بىر ئىشنىڭ يېنىدا ئىمام - خەتىب تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بولمايدۇ. شۇڭا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئوخشاش قارا گۇرۇھلار، دەۋرىمىزنىڭ ھاشھاشىلىرى، بۇ مۇقەددەس مەكتەپكە سېڭىپ كېرىشكە ۋە سۇيىئېستىمال قىلىشقا يەر تاپالمىدى» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر