ئەردوغان دۇنيا ئەللىرىنى ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «دۇنيا ئىنسانىي يىغىنى» نىڭ بىرىنچى يىلىنى تولدۇرغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى.

738014
ئەردوغان دۇنيا ئەللىرىنى ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېلېگراممىسىدا، دۇنيا ئىنسانىي يىغىنىنىڭ 2016 - يىلى 23-، 24 – ماي كۈنلىرى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى ۋە يىغىننىڭ ب د ت  تارىخىدا ئىشتىراك قىلىش رېكورتى يارىتىپ ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ئىستانبۇل يىغىنىنىڭ تەبىئىي ئاپەتلەر، توقۇنۇشلار، ئاچارچىلىق ۋە ئىنسانىي كىرىزىسلارغا قارشى كۈرەشتە تېخىمۇ پائال ۋە ئۈزۈل – كېسىل چارىلەرنى ئىزدەشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەردوغان تېلېگراممىسىدا مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ، «سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى توقۇنۇشلاردىن قېچىپ كەلگەن 3 مىليون مۇساپىرغا 6 يىلدىن بۇيان ساھىبخانلىق قىلىپ كېلىۋاتقان تۈركىيە، يىغىن جەريانىدا بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ ئېغىزدىلا قالماي ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇلۇشى ئۈچۈن، كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا 125 مىليون ئىنسانغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مەسىلىلەرگە چارە تېپىش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى قاتارلىق ئىقتىسادىي ئىمكانىيەتلىرى يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئورۇندىشى شەرتتۇر. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىستانبۇل يىغىنىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىغا كۈچلۈك ئەھمىيەت بېرىمىز ۋە ب د ت  غا ئەزا بارلىق ئەللەرنى، خەلقئارالىق ئورگانلارنى ۋە ئىنسانىي ياردەم ئورۇنلىرىنى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر