تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋام قىلماقتا
تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئۇتۇقلۇق داۋاملاشتۇرماقتا.
736206
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاككارىنىڭ چۇقۇرجا ناھىيەسىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن ھەربىي بازىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغان پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررورچىلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، بىنگۆلنىڭ ئاداقلى ناھىيەسىدىمۇ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ چارلاش ھەرىكىتى ئەسناسىدا تېررورچىلارنىڭ 5 خانىلىق پاناھلىنىش ئورنى پاش قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر جايدىن بومبا ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان نەرسە – كېرەكلەر بىلەن كۆپ مىقداردا ھەر خىل تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن.