بۈگۈن 19 – ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى
بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلىشى يولىدىكى تۈنجى قەدەم تاشلانغان ۋە ئۇلۇغ تۈرك مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىق مەشئەللىرى يېقىلغان كۈننىڭ 98 – خاتىرە يىلى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ مەنىلىك كۈن پۈتۈن مەملىكىتىمىز مىقياسىدا ۋە چەت ئەللەردىكى ۋاكالەتخانىلاردا ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن تەبرىكلىنىدۇ.
19 – ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدىكى تۈنجى چوڭ مۇراسىم ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ئاتاتۈرك مەقبىرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى.
ئاكىف چاغاتاي قىلىچ بۈگۈن ياشلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا سائەت 14:30 ئۆتكەندە ياشلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.
باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ 81 ۋىلايەت ۋە قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىن كەلگەن ياشلار ھەيئەتىنى چانكايا سارىيىدا سائەت 16:30 ئۆتكەندە قارشى ئالىدۇ.
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلۇ بولسا، ياشلار بىلەن قىزىلئايدا ئۇچرىشىپ، ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىغا يۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ.