ئەردوغان ئامېرىكىلىق سودا - سانائەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈنكى ئامېرىكا زىيارىتىدە 40 قا يېقىن چوڭ – چوڭ شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

734225
ئەردوغان ئامېرىكىلىق سودا - سانائەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى تۈركىيە سېلىنما ئىشلىرىنى قوللاش ۋە تەشۋىق قىلىش ئورگىنى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكىلىق سودا - سانائەتچىلەر ۋە كارخانىچىلارنى تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇشقا چاقىردى.

ھۆكۈمەتنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان سىياسەتلىرى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەر تەرىپىدىن بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇچرىشىش، ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى بۇ ئۇچرىشىشتا تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى ھەر جەھەتتىن قوللاۋاتقانلىقى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە نامايەن قىلىندى.

بۇلتۇر مارت ۋە سېنتەبىر ئايلىرىدا ئامېرىكىدا چاقىرىلغان ئىككى قېتىم يىغىندىمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خەلقئارالىق سودا - سانائەتچىلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان ھەمدە شۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا يەنە ھەرقايسى شىركەتلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى.

تۈنۈگۈنكى ئۇچرىشىشتىمۇ ئامېرىكىلىق مەبلەغ سالغۇچىلار 15 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدىن كېيىنكى ياخشى ۋەزىيەتتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش ئەۋھەللىكى، سىياسىي جەھەتتىكى مۇقىملىقى ۋە كەلگۈسى يۆنىلىشىگە ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر