ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ئايرىم ئۇچرىشىشى زور قىزىقىش قوزغىماقتا

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا زادى قانداق نەتىجە چىقىدىغانلىقى بارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئورتاق قىزىقىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.

732902
ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ئايرىم ئۇچرىشىشى زور قىزىقىش قوزغىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋاشىنگىتوندىكى زىيارىتىنى باشلىۋەتتى.

ئەدوغان خىتايدىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن، ئۇزۇن بىر ئايروپىلان سەپىرىگە چىقتى ۋە ئامېرىكىنىڭ يايتەختى ۋاشىنگىتونغا يېتىپ باردى. 

جۇمھۇر رەئىس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى ئېلىپ ئۇچقان ئايروپىلان ئېندۇرۇس ئايرودورۇمىغا قوندى. قىسغىنە ۋاقىتتىن كېيىن ئاقسارايغا يېقىن جايدىكى پىرېزىدېنتلىق مېھمانسارىيىغا يېتىپ بارغان ئەردوغاننى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تۈركىيە پۇقرالىرى قىزغىن قارشى ئالدى.

دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋە ئەردوغانغا سالام بەرمەكچى بولغان نۇرغۇن ساندا تۈركىيە پۇقرالىرى ئاقساراي ئەتراپىدا چوشقۇن ھېسسىيات بىلەن كۈتمەكتە ئىدى.

ئاقساراي ئەتراپىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان بولۇپ، شۇنداقتىمۇ ئەردوغانغا ئاۋازىنى ئاڭلاتماقچى بولغان تۈركىيە سۆيەرلەر خىلمۇخىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلدى.

پىرېزىدېنت دوناد ترامپنىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن ئامېرىكىغا يېتىپ بارغان ئەردوغان ئاقسارايدا مېھمان قىلىنىدۇ.

پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىدا دونالد ترامپ بىلەن ئەردوغان ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ.

تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر يېقىنقى كۈنلەردە تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقى ۋە بۇ قېتىمقى مۇزاكىرىدە زادى قانداق نەتىجە چىقىدىغانلىقى زور قىزىقىش بىلەن كۈتۈلمەكتە. 

ئىككى رەھبەر ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىدۇ.

ئەردوغان بىلەن ترامپ چۈشلۈك زىياپەتتىمۇ قايتا بىر يەرگە جەم بولىدۇ. بۇ زىياپەتتە ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ دۇنياغا بېرىدىغان سىگنالى خەلقئارالىق مېدىيالار تەرىپىدىن تەقىپ قىلىنىدۇ.

دونالد ترامپ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تۈنجى قېتىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بارماقتا.        



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر