ئەردوغان: ئەگەر ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداش بولساق، ئىتتىپاق ئىچىدە قارار چىقىرىشىمىز لازىم

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بېيجىڭدا مۇخبىرلارنىڭ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

732152
ئەردوغان: ئەگەر ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداش بولساق، ئىتتىپاق ئىچىدە قارار چىقىرىشىمىز لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بېيجىڭدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە گۇماشتىسى پ ي د ۋە ي پ گ غا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلەپ، «ئەگەر ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداش بولساق، ئىتتىپاق ئىچىدە قارار چىقىرىشىمىز لازىم. ئىتتىپاققا كۆلەڭگە چۈشۈرىدىغان بولسا، بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ چارىسى بويىچە مېڭىشىمىز لازىم. بىز بۇ ئىتتىپاقداشلىقنى تۈركىيەگە زىيانلىق پوزىتسىيەلەرگە قۇربان قىلمايمىز. بۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش كېرەك.» دېدى.

ئەردوغان بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيەنىڭ ئاستا يول ئالغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى؛ ئامېرىكا دائېش خەۋپىنى تونۇپ يېتىشتىن ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ بۇ خەتەرنى كۆرۈپ يېتىپ، ئەڭ روشەن پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «ئەگەر بىز بۇ پوزىتسىيەنى بىلدۈرمىگەن بولساق، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى بۇنداق دەلدەڭشىپ قالمىغان بولاتتى» دېدى.

ئامېرىكىدىكى بەزى ھەددىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ئويۇنلىرى سايىسىدا تاراتقۇلارغا چىققان كىشىلەرنىڭ «تۈركىيە دائېشقا قارشى كېرەكلىك ئىشلارنى قىلمىدى» دەپ تۆھمەت قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ھالبۇكى بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئەڭ كۈچلۈك كۈرەش قىلغان دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «باشتىن تارتىپ تاييىپ ئەردوغان نېمىشقا غەرب مېدىياسىغا ئوخشاشلا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭمۇ ھۇجۇم نىشانى بولىدۇ؟ دائېشنىڭ نىشانىدا مەن بار. ئۇلارنىڭ (غەربنىڭ) تاراتقۇلىرىدا مېنىڭ چوڭ – چوڭ رەسىملىرىم بار. بۇ تۆھمەتنى چاپلىغۇچىلارنىڭ مەزكۇر تاراتقۇلاردا رەسىملىرى بارمۇ؟ يوق. بىز ئىشەنگەن ئىشىمىزنى ئىشەنگىنىمىز بويىچە قىلىمىز. بۇ يولغا مۇشۇ شەكىلدە چىقتۇق، مۇشۇ شەكىلدە ماڭىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە باشقا بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ، ئىتتىپاقداش كۈچلەر ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈش دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«بۇ يەردە ي پ گ غىمۇ پ ي د غىمۇ ئېھتىياج يوق. بۇلار تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ي پ گ بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى شەرت، دەپ قاراش، ئەسلىدە ئىتتىپاقداش كۈچلەر ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈشتۈر. بۇ كۈرەشنى بىز، ناتودىكى كۈچلەر بىلەن، بۇ رايوندىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستان باشتا بولۇپ قاتار، لىۋان، ئىيوردانىيە قاتارلىق ئەللەر بىلەن كۆڭۈلدىكىدەك قىلالايمىز. بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېھتىياجىمىز يوق. بىز بۇنى جەرابلۇس، دابىق، رائى، ئەلبابتا ئىسپاتلىدۇق. ئەمدى مۇنبىچ ۋە راققەدە ئىسپاتلايمىز، دەۋاتىمىز» دېدى.

دائېشنىڭ ئىسلام بىلەن يىراقتىن – يېقىندىن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىسلام ئۈچۈن بىر داغدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر